باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى

2014.10.27 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىغا« جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى ــ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسى تېما قىلىنىپ، سوتسيالىستىك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش چاقىرىقى چىقىرىلدى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي مەسىلە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر مۇھىم سىياسى ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى ياخشى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ــ ئېلىمىزنىڭ سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ھەققىدە چىقىرىلغان زور تەدبىر، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئولۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان يىراق كۆزلەنگەن تەدبىر، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 180 دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلىغان، ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىش روھى ۋە ياخشى ئىشلەش ئىسىتىلى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم روھى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا ئاندىن جۇڭگوچە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىنى بويلاپ ماڭىدىغان، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىندىغان جۇڭگونى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر