باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ياخشى ئادەم» ئابدۇھېلىم

— باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان «ياخشى مۇئەللىم» ھەققىدە

2014.09.28 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەھەللە كادىرى قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشى، ئاھالىلەر قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، قانۇن قورالى بىلەن ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك.» بەش ئاي بۇرۇنقى قانۇن-تۈزۈم لېكسىيەسى قومۇل شەھىرى خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسىدىكى پارتىيەلىك پېنسىيونېر شاۋ يۈلەننىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە بار.

  4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇيكاڭيۈەن مەھەللىسىنىڭ خالىس قانۇن تەشۋىقاتچىسى ئابدۇھېلىم ئابلىز مەھەللىنىڭ يىغىن زالىدا بىر لېكسىيە سۆزلىگەن. مەھەللە پارتكوم شۇجىسى ئاينىسا ئوسمان «ئۇ كۈنى قۇم-بوران چىقىپ، توكمۇ توختاپ قالدى. ئاسمان ساپسېرىق، ئۆينىڭ ئىچى قاراڭغۇ، لېكىن 60 نەچچە ئادەم سىغىدىغان يىغىن زالىغا ئادەملەر لىق تولغان ئىدى» دېدى.

  كاۋاپچىلىق دۇكىنى ئاچىدىغان رىسالەت مەمەت لېكسىيەنىڭ پايدىسىنى ئوبدان كۆردى. بىر كۈنى ئۇنىڭغا قوشنا كاۋاپچىلىق دۇكىنىدا ئىككى ئادەم ھاراقنى جىق ئىچىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ، دۇكىنىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، بىرى كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالىدۇ. رىسالەتنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ، پول سۈرتكۈچنى ئېلىپ ئۇ ئادەمنى ئۇرماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز ئابدۇھېلىم دېگەن «بىر ئىشقا يولۇققاندا ئالدىراپ قول تەگكۈزمەي، ئاۋۋال 110 غا تېلېفون ئۇرۇڭلار» دېگەن گەپ ئېسىگە كېلىدۇ. كېيىن ساقچىلار كېلىدۇ، ئۇرۇشقانلار ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ. «شۇ چاغدا ئەگەر مەنمۇ قول تەگكۈزگەن بولسام، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، كېيىنكى قېتىم لېكسىيە بولسا، مەن يەنە بېرىپ ئاڭلايمەن.»

  ئابدۇھېلىم ئەتراپىدىكىلەرگە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىپلا قالماي، يەنە ياشلارنىڭ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىنى جېكىلەيدۇ ھەمدە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

  قومۇل شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى زۆھرەگۈل ئىبراھىم 1991-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، پۈتۈكچىدىن تارتىپ تەپتىش بولغىچە ئىزچىل ئادۇھېلىمنى مۇئەللىم ۋە ئۈلگە دەپ قاراپ كەلگەن. «تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ بىز داۋاملىق پىكىرلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز. مەن دېلو بېجىرگەندە قىيىنچىلىققا يولۇقسام ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن، ئۇ ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن تەھلىل قىلىشىپ بېرىدۇ، كۆرسەتمە بېرىدۇ.» قومۇل شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى سائادەت ياقۇپنىڭ يېڭى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقىتلىرى ھېلىھەم ئېسىدە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ماڭا خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنى، قانۇن ئۆگىنىشنى جېكىلەيتتى. بىلمىگەنلىرىمنى ئۇنىڭدىن سورايتتىم، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بېرەتتى».

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر