باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

32-نۆۋەتلىك ئاپپاراتلار ئارا بوشلۇق پارچىسىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.12 19:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  32-نۆۋەتلىك ئاپپاراتلار ئارا بوشلۇق پارچىسىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنى 12-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. 14 دۆلەت ۋە تەشكىلاتتىن كەلگەن ئاپپارات يىغىنغا قاتناشتى. بوشلۇق تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچ بوشلۇققا كىرىش پائالىيەتلىرى داۋاملىق كۈچەيدى، ئەمما يەنە نۇرغۇن بوشلۇق پارچىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە، ئىنسانلار ئاۋىياتسىيە پائالىيىتىدە بوشلۇقتا كېرەكسىز بۇيۇملارنى تاشلىماقتا، بۇ يەنە «بوشلۇق ئەخلىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپپاراتلار ئارا بوشلۇق پارچىسىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى 1993-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان، ھازىر 12 رەسمىي ئەزاسى بار. جۇڭگو دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1995-يىلى بۇنىڭغا ئەزا بولۇپ كىرگەن. بۇ ئاپپاراتنىڭ باش مەقسىتى- ھەر قايسى دۆلەت ئاۋىياتسىيە ئاپپاراتلىرى بوشلۇق پارچىسى تەتقىقات پائالىيىتى ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق بوشلۇق پارچىسى ھەمكارلىق پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرلەشلىرىنى قاراپ چىقىپ، بوشلۇق پارچىلىرى تەتقىقاتى ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشلۇق پارچىسى زىيىنىنى ئازايتىدىغان لايىھەنى تەتقىق قىلىش. ھازىر بۇ لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگومۇ ھازىر مەخسۇس بوشلۇق پارچىسى ھەرىكەت پىلانى تەسس قىلدى، بوشلۇق پارچىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ۋە مۇتەخەسسسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بوشلۇق پارچىلىرىنى كۈزۈتۈشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر