- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 237 دېلو ئېلان قىلىندى
2014.05.12 19:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرى تەپتىش مىنستىرلىقى تور بېكىتى 12-ماي مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 237 دېلونى ئېلان قىلدى. 28-فېۋرالدىن 9-مايغىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى روھىغا خىلاپلىق قىلغان بۇ تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇ 26 ئۆلكە ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بېڭتۈەنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، مەسىلىلەر ئاساسلىقى خىزمەت ئىنتىزامى بوشىشىپ كېتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستىمال قىلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارنى چوڭ ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر