باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتى 700-دېڭىز قاتنىشىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى

2014.04.08 08:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ بەش پاراخوتى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 16- تۈركۈمدىكى قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتى لوياڭ پاراخوتىنىڭ ھىمايىسىدە ئادېن قولتۇقىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ساھىلىدىن غەربكە قاراپ ماڭدى. بۇ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتىنىڭ 700-تۈركۈمدىكى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 699-تۈركۈمدىكى قوغداش ۋەزىپىسىدە قوغدالغۇچى پاراخوت 5570 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەلنىڭ پاراخوتى %50 تىن ئاشقان.

  قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى باشتىن ئاخىرى مۇرەككەپ، ئەڭ قېيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسى ۋە لايىھەنى ئىلمىي تۈزۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە مەشىقنى كۈچەيتىپ، دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش، پاراخوتقا ئەگىشىپ ھىمايە قىلىش، تىك ئۇچار چارلاپ قوغداش قاتارلىق ئۇسۇللاردا سودا پاراخوتلىرىنى قوغداپ، قوغدىلىدىغان پاراخوتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ ماختاشقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر