باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2014.04.11 08:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىن مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئورمان يايلاقلاردا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بىرىنچى، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتنىڭ زېيىنىنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش. ھازىر يازلىق ئاشلىقنى كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىشقا يەنە 50 نەچچە كۈن ۋاقىت بار، يازلىق ئاشلىقتا مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوتنىڭ زېيىنىنى ئازايتىش. ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك. گەرچە ھازىر كۈزگى بۇغداي تېرىلغان رايونلاردا تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن رايونلاردا ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بالدۇرراق لايىھە ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئىككىنچى، مۇلازىمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. بۇ يىل جايلاردا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولدى، ئەمما يەنىلا بەزى قېيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا، گەۋدىلىك بولغىنى شەرقىي شىمالنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۆتكەن يىلقى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھۆلچىلىك ئېغىرراق بولىشى مۇمكىن ، غەربىي شىمالىي رايونىدا ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن . تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، چارۋىچىلىقنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېڭى قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، ھايۋاناتلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە قوي كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى يولغا قويۇپ، بېقىلىۋاتقان چارۋىلارنى مۇقىم كۆپەيتىپ، سورتنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، مۇۋاپىق كۆلەمدە باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش، يايلاقلاردا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، ئوت ئەھۋالىنى كېڭىشىپ بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ھەمرادا قىزىق نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ دوكلات بېرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوت ئەھۋالىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يايلاقلاردىكى ئوت ئاسان كېتىدىغان رايونلار، چېگرا رايون، يايلاقلاردىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ئوت مەنبىيىنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى چىڭىتىپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قاتتىق قوغداپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر