- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەزا گو چېڭجېن پىكىر بايان قىلدى:
جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى زوراۋانلىق-تېررورلۇقنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ
2014.03.09 18:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەزا گو چېڭجېڭ 8-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا پىكىر بايان قىلغاندا، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن، كۈنمىڭ شەھىرىدە 1-مارت يۈز بەرگەن مەدەنىيەتكە، جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى بولغان ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسىگە قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى ۋە ئۇنى ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈردى.
گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇچرىشىۋاتقان مۇسۇلمان ئەزالار بىلەن 1-مارت ۋەقەسى ئۈستىدە سۆزلەشكەندە، تىل-دىلىمىز ئوخشاش بولدى، بۇ يەنە مەملىكىتىمىزدىكى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭۈل سۆزى. ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتتىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلتىماتىزم، تېررورىزىم ئىنسانىيەتنى پارچىلاپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ئۇلار بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر