باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر جۇڭگودا تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق كىشىلەرگە نۇرغۇن ياردەم بېرىلدى

2014.02.19 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 19-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆي كاپالەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى دۇ يۈپېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، بەشتە كاپالەت ئوبيېكتلىرى قاتارلىق دائىملىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش بېرىلىدىغان كىشى جەمئىي 79 مىليون 816 مىڭ بولغان، ئومۇمىي چىقىم 174 مىليارد 30 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  دۇ يۈپېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ھەم قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى بىر قەدەر ياخشى كاپالەتلەندۈردى.

  دۇ يۈپېي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشتا تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، مېخانىزمنى يېڭىلاش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، قۇتقۇزۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.

  دۇ يۈپېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، بەشتە كاپالەت ئوبيېكتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇلىدىغان ئادەم 79 مىليون 816 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 174 مىليارد 30 مىليون يۈەن چىقىم قىلىندى. داۋالاپ قۇتقۇزۇشتا ئاممىغا يۈز مىليون ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزۈلدى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى يەنىمۇ تۇتاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر