باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى تەكىتلىدى

2014.10.27 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى تۆنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەشۋىق قىلىش ئىدىيە تەشۋىقات سېپىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارىنى» زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تەشىۋىق قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ باشلامچىلىق ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىنىڭ تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ توغرا يولىنى پۇختا ئىگىلەش؛ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سېستىمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئاممىغا ياقىدىغان سۆزلەرنى كۆپ قىلىش، كەسىپىي ئاتالغۇلارنى ئاممىنىڭ سۆزىگە ئايلاندۇرۇپ، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، ئاممىنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە كىرگۈزۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارشى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش روھىنى كۈچەپ نۇرلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇنغا ئىشىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى ئىشلىتىدىغان، قانۇننى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر