- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ليۇ يۈنشەن ۋۇ ۋىنجۈن، ۋاڭ يۇڭجىلارنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى
2017.01.17 10:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 16-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋۇ ۋىنجۈن، ۋاڭ يۇڭجىلارنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چاغانلىق سالام يوللىدى.
ۋۇ ۋىنجۈن، ۋاڭ يۇڭجىلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى، پارتىيە 18-قۇرۇلتيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى، ئۇلار: پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىدۇ، داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك، دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر