باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ بالدۇرراق كۆچۈپ كىرىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2017.01.17 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات قۇرۇلۇشى. 2016-يىلى، جايلار، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاكتىپ ئىشلەپ، زىچ ماسلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ يىللىق نىشان-ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى زورايتىش جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 2017-يىللىق كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ قاتارلىق تۈرلۈك شارائىتلارغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىغان 6 مىليون يۈرۈش كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ئىش باشلاپلا قالماي، يەنە كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىگە بالدۇرراق كۆچۈپ كىرىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قۇرۇلۇش سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، تەقسىملەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن ئاممىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، ئازادە كەيپىياتقا ئىگە قىلىش كېرەك. كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر