باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

2017.01.17 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئېچىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  «ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرگە ئات ئىجارە بېرىش مۇلازىمىتى قىلىپ، ھەر كۈنلۈكى 200-300 يۈەن ئەتراپىدا ئىقتىسادى كىرىم ياراتتىم»، دېدى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى يۇقىرىقى مەھەللە كەنتىدىكى دېھقان ئەخەتجان نەمەت.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ ھەر قايسى ساياھەتچىلىك نۇقتىلىرىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قۇرۇلۇشى بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپلا قالماستىن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيش يوللىرىنىمۇ كېڭەيتتى.

  «7-، 8- ئايلار بولسا يېزىمىزدا ساياھەتچىلىك تازا جانلانغان مەزگىل بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىمىز. بىزنىڭ شادلىق ئارامگاھلىرىمىزدا ئېتىپ بەرگەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئائىلە تاماقلىرىمىزنى ئۇلار ناھايىتى ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ئۆزىمىز باققان قويلارنىڭ گۆشىدە ساياھەتچىلەرگە كاۋاپ، شورپا دېگەندەكلەرنى پىشۇرۇپ بىرىمىز. مۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن ساياھەت مۇلازىمەتچىلىكى ئارقىلىق كىرىم قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىز باققان قويلارنى ئىشىك ئالدىدىلا سېتىپ چىقرالايدىكەنمىز»، دېدى ئونسۇ ناھىيەسى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى مەھەللە كەنتىدىكى دېھقان چىمەنگۈل مەمەت.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى ئۆزگىچە، تەبىئىي بولغان يېزا، كەنت مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى بەرپا قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا ساياھەتچىلىكىدىكى ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كەڭ جەلپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر