باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى

2017.01.17 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ بىر تۈرلۈك يادرولۇق تۈزۈمى. تۈزۈم ئىسلاھاتى تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش، تەبىئىي بايلىقنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرماسلىق، ئىگىدارلىق قىلغۇچىنى نەقلەشتۈرمەسلىك، ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىسلاھ قىلىشتا قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىككى ھوقۇقنى ئايرىپ، كېڭەيتىپ، ھوقۇق بېرىش، بازار ئارقىلىق تەقسىملەپ، قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ يۈرگۈزۈش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، مۈلۈك ھوقۇقى ئايدىڭلاشقان، ھوقۇق-فۇنكسىيەسى مول، قائىدىسى مۇكەممەل، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك، ھوقۇق-مەنپەئەتى ئەمەلىيلەشكەن ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر