باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەركىن ئىمىرباقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى پارلامېنت مۇنبىرى يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى

2017.01.17 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- يانۋار، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى پارلامېنت مۇنبىرىنىڭ 25- نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى فىجىدا ئېچىلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى .

  يىغىندا «پارلامېنتلار ئارا ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان. ئەركىن ئىمىرباقى يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تىنچلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى ۋە ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ قەتئىي تەشەببۇس قىلغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىق بولۇپ، دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يىغىن جەريانىدا، ئەركىن ئىمىرباقى فىجى زۇڭلىسى بەينى ماراما ۋە پارلامېنت باشلىقى لۋېنى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن فىجى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر