تۈنۈگۈن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېرندا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لۇتخاد بىلەن بىرگە شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى تەكشى، ساغلام ئاشۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابىي تۆھپە قوشۇپ، شىۋېيتسارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئەللەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئىشەنچىسى بار. شىۋېيتسارىيە ئەقلىي ياسىمىچىلىق، پۇل مۇئامىلە سۇغۇرتىسى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، ئېلېكتىر، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك، داۋالاش، دورا قاتارلىق ساھەلەردە ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولالايدۇ، جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىپ، بازارنى تەڭ ئاچسا بولىدۇ.
لۇتخاد سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ئالدىراش كۈنلىرىدە ۋاقىت چىقىرىپ شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شىۋېيتسارىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى، ئاسىيا شىۋېيتسارىيەنىڭ تاشقى ئىقتىساد سودىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو شىۋېيتسارىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى، شىۋېيتسارىيە غەرب ئەللىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ تولۇق بازار ئىگىلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن سودىنى تەشەببۇس قىلدى، شىۋېيتسارىيە جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى خالايدۇ.
شىۋېيتسارىيە ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كاررېل شۇنداقلا شۈندا شىركىتى، لوش شىركىتى، نېستلې شىركىتى قاتارلىق شىۋېيتسارىيەدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.