باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى(2)

2014.05.04 15:36   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى(2)

  4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈردى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ نەزەرباغ ساقچىخانىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

  شى جىنپىڭ دىنىي زاتلارنىڭ پىكرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، 30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە 20 نەپەر دىنىي زاتلار ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئۈچ نەپەر ۋەكىل ۋە بۇددا دىنى ساھەسىدىكى بىر نەپەر ۋەكىل سۆز قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر خىل مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەن دىن جەھەتتىكى ئەسەرلەرنى كۆرۈشكە دىققەت قىلىمەن، دىندا كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن ئەقىل-پاراسەت ۋە نۇرغۇن پايدىلىق بايانلار بار.»

  شى جىنپىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىز شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ داۋالغۇشقا پېتىپ قېلىشىغا ۋە چېكىنىپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار چوقۇم ھەقىقەتنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ، مەيدانىنى پۇختىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ۋەتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز