4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈردى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)
4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ، باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئائىت زور فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتنىڭ نىشانى ۋە تۇتقۇسى قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ بىرلىكتە ئىتتپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلغار، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.