باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى (2)

2013.12.31 13:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىدا پۈتكۈل پارتىيە ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سوبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلات، تەشۋىقات، سىياسىي – قانۇن قاتارلىق تارماقلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇپ، بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمىگەنلەرنى تىپنى تۇتۇش ئارقىلىق قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى قەتئىي تۈزىتىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 1 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، مەركەزنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تەشكىلىي ئىنتىزام، مالىيە ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، قاپاقنى تۈرۈپ تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىنتىزامنىڭ چەكلەش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەشكىلىي جەھەتتە چېچىلاڭغۇ، ئىنتىزامدا بوشاڭ بولۇش مەسىلىسىنى قەتئىي يېڭىش كېرەك. چىرىكلىشىشنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ساقلاپ، چۆچۈتۈش كېرەك. ئىشنى بالدۇر باشلاش، كىچىكتىن باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاپ، ئۇلارنى بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان؛ تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇستەھكەملەپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى چىرىكلىشەلمەيدىغان؛ چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، خىيانەتچىلەرنى قەتئىي تازىلاپ، رەھبىرىي كادىرلارنى چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى پارتىيە نىزامىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەركىزىي ۋەزىپە بىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە بەلگىلىمىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، ئىنتىزامنى يۈز – خاتىرە قىلماي قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا كېلەر يىلى يانۋاردا 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە، ئەڭ نېگىزلىك نۇقتا ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان كادىر ئۆستۈرۈش – ئىشلىتىش مېخانىزمىغا تايىنىشتۇر. 2002 – يىلى ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – ئىشلىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىي بولغان كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كادىر ئىشلىتىشتىكى ناچار ئىستىللاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە كادىرلار قوشۇنى ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ نىزامنى تۈزىتىش – مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىم تۈزىتىلگەن كادىرلارنى ئىشلىتىش نىزامىدا مەركەزنىڭ كادىرلار خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى يېڭى تەجرىبە، يېڭى نەتىجىلەر قوبۇل قىلىندى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا، كادىرلار ئۆلچىمىدە، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى، دېموكراتىك كۆرسىتىش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈش ياخشىلىنىپ، ئاشكارا ئۆستۈرۈش بىلەن رىقابەتلىشىپ خىزمەت ئورنىغا چىقىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆستۈرۈش ھالقىسى چىڭ تۇتۇلۇپ، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇشتىكى چەتلەش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمەت ئىنتىزامى چىڭىتىلدى. بۇ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئىدىيەۋى تونۇشىنى كادىرلارنى ئىشلىتىش نىزامى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كادىرلار خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى ئىشلىتىش نىزامىدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ، ئۆلچەم، تەرتىپ، ئۇسۇل بويىچە كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشلىتىپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تاللاشتىكى ناچار ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. يانداش تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان، ئاددىي، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر