- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى: 2014-يىلى 25 تۈرلۈك دۆلەتلىك بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى تاماملايمىز
2013.12.31 13:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا ئالتە تۈرلۈك رەڭلىك مېتال كەسپىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئاتموسفېرانى بۇلغىغۇچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىش ئالاھىدە چېكىنى ئايرىم بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئاتموسفېرانى بۇلغىغۇچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىش ئالاھىدە چېكىگە چېتىلىدىغان 25 تۈرلۈك دۆلەتلىك بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلماقچى، بۇنىڭ ئىچىدە 18 تۈرلۈك ئۆلچەم ئېلان قىلىندى. قالغان ئۆلچەمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، 2014-يىلى 25 تۈرلۈك قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر