مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى يىغىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم

2020.10.29 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل بولۇپ، نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىدە ئەسلىدىنلا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قىيىنلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. يۇقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پۇختا قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىز قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى يىغىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى ئۆزگەرتمەي، پارتىيەنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئەڭ كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلدى. 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا بېكىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى نىشان: «2020-يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاساسلىق ساھە كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىش لازىم. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.»

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىش − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچىدۇر، پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ