مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى چەكلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش تىرەككە ئىگە قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2020.11.27 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 25-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى چەكلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش تىرەككە ئىگە قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادىل، سەمىمىي بازار مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش، ئېھتىياتچان، مۇۋاپىق بولۇش، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرماسلىقنى چەكلەش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك، ساغلام ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ كىرگۈزۈلۈش دائىرىسى ۋە تەرتىپىنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك. مۇئەييەن ھەرىكەتنى ئاممىۋى ئىناۋەت ئۇچۇرىغا كىرگۈزۈشتە قانۇن-نىزام قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىش ھەمدە مۇندەرىجىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش شەرت. مەمۇرىي ئورگان لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى بېكىتىشتە قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆججەتنى ئاساس قىلىش شەرت.

  ئىككىنچى، ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئاشكارىلاش دائىرىسى ۋە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ قايسى دائىرىدە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئاشكارىلاشتا قانۇنلۇق بولۇش، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش- تۇرماسلىق ھەمدە ئىناۋەت ئۇچۇرى مۇندەرىجىسىنى تۈزگەندە بىر يولىلا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش، بازارنىڭ ئادىل رىقابەت تەرتىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆپەيتىش ياكى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ. كونكرېت بېكىتىش تەرتىپىنى قاتتىق ئادا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا جازا بېرىشنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن جازانىڭ مۇناسىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارغا ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئازايتىدىغان ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئاشۇرىدىغان جازالاش تەدبىرى قوللىنىشتا، لەۋزىدە تۇرمىغانلىق پاكىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قانۇننى ئاساس قىلىپ، ئىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، جازالاش تەدبىرىنى خالىغانچە كۆپەيتىۋەتمەسلىك ياكى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك لازىم، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، ئىناۋەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، تاراتقۇ قاتارلىقلاردىن لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلارنى جازالاشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.

  بەشىنچى، ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشكە پايدىلىق بولغان ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇن-نىزام قاتارلىق ئايرىم بەلگىلىمىلەردىن باشقا، لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلار لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى تەلەپ بويىچە تۈزىتىپ، ناچار تەسىرنى تۈگەتسە، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يۆتكەپ بېرىشى كېرەك.

  ئالتىنچى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي سىرنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىناۋەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىشلىتىش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش، ئۆزگەرتىش، بۇزۇۋېتىش، ئوغرىلاش ياكى ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، ئېلىپ سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بېكىتىش، خاتىرىلەش، ئاشكارىلاش، جازالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ئالاقىدار ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ساھە، رايون ھالقىپ قانۇن بويىچە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەلەپ قىلىندى. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە تەرتىپلىك پايدىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجازىتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىناۋەت يانداش قانۇن-نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاشتا ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى) ماقۇللاندى. لايىھەدە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە خەۋپنى تەكشۈرۈش-تۈزەشتىن ئىبارەت قوش ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى؛ يەرلىك ھۆكۈمەت، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ساھە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تەننەرخنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ