مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جۇڭگو پاراسىتى

2020.11.27 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ: «بىز قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىشىمىز كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى ھەمدە «ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە پايدا ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش»، «ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش»، «ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىدارە قىلىدىغان ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش»تىن ئىبارەت مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى تېزلىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىنى كۆپەيتىۋەتتى، لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئورتاق ئېچىۋېتىش − ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشى − ئورتاق ئېچىۋېتىشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتىدۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىش ۋە رايونلار بويىچە ئېچىۋېتىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئورتاق ئېچىۋېتىش داۋامىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، ئورتاق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئورتاق قائىدە تۈزۈپ، ئورتاق تۈزەشنى يولغا قويۇپ ، تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ھالدا تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.

  كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىز ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئىدىيەسىدە تەۋرەنمەي قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئىچكى-تاشقى بازارلارنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنياۋى بازار، ئورتاق بازار ۋە كۆپچىلىك تەڭ پايدىلىنىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئېچىۋېتىشكە جۇڭگو پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە تەقدىم قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ