يولداش چېن جىنىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
چېن جىنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، جىلىن لىشۇدىن، 1998 - يىلى 4 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئەنگلىيە ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى بىناكارلىق - قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى مۇھىت سىستېمىسىنى ئانالىز قىلىش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.