مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەن جۇڭگودا 20-قۇرۇلتاينى كۆردۈم / ئارگېنتىنا «بۈگۈنكى دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مۇنداق دېدى: ھەقىقىي جۇڭگو غەربلىكلەر قارا سۈركىگەن جۇڭگو بىلەن پۈتۈنلەي ئەكسىچە!

2022.10.24 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىنغا قاتناشقان شۇ كۈننى ئەسلىگىنىدە، ئارگېنتىنا «بۈگۈنكى دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى گۇستاۋو مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقا چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق سارىيىدا 20-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شاھىد بولدۇم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ، سالماق، قەتئىي ئاۋازى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنياغا سۆزلىگىنىنى كۆرۈپ تۇردۇم...». ئۇ نەق مەيداندا جۇڭگو دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىگىزدە تۇرۇپ يېراقنى كۆرۈدىغان سىياسىي قاراشلىرىغا قايىل بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىزىمنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئالغان قەدىمىنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

  گۇستاۋو بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىغا دېققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو دۇنيادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ھازىر تەدرىجىي ھالدا تەدبىر بەلگىلەش سىستېمىسىغا كىرىۋاتىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

  يېغىندا 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇستاۋو دېققەت قىلغان مەزمۇن جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش جۇڭگونى پولاتتەك مۇستەھكەم قىلغان. دوكلاتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يولىدە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى. گۇستاۋونىڭ قارىشىچە بۇ ھەممىدىن مۇھىم.

  نوپۇزلۇق بىر مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇستاۋو ھەقىقىي جۇڭگو بىلەن غەربلىكلەر قارا سۈركىگەن جۇڭگونىڭ چوڭ پەرقى بار دەپ قارايدۇ. ئ‍ۇ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگودا كۆرگەن جۇڭگو ئوبرازى بىلەن غەرب تاراتقۇلىرى ئىنتايىن ناچار ھالدا قارا سۈركىگەن جۇڭگو پۈتۈنلەي ئەكىسچە. جۇڭگو بىر ئولۇغ كۆپ مەنبەلەشكەن دۆلەت، بۇ دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ، مەنزىرىنىڭ ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

  گۇستاۋونىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو خەلقى مېھماندوست، دوستىغا خۇددى بىر ئائ‍ىلە كىشىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ». ئۇ جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ناھايىتى تېزلا خەلق تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، كىشلەرنىڭ ھەتتا بۇنداق يېڭى نەرسىلەرگە ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ روھىدا بىر خىل قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان روھنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ دەل مەڭگۈ ئۆزىدىن ھالقىش ئۈچۈن تىرىشىش روھى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ