مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك بەش تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، يەرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان 95 تۈرمۇ تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2022.09.16 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، «نومۇر قۇشۇپ بېرىشنى زور دەرىجىدە ئازايتىش ۋە قاتتىق تىزگىنلەش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، مەملىكەت خاراكتېرلىك بەش تۈرلۈك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 95 تۈرلۈك يەرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.


  ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى:2015 ـ يىلى ۋە 2019 ـ يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئادىل بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، پەن-تېخنىكا تۈرلىرى مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار، ئىدىيە - ئەخلاقتا گەۋدىلىك ئىش ئىزلىرى بولغانلارغا قارىتىلغان بەش تۈرلۈك مەملىكەت خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جايلارنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرىنى ئازايتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇرنى تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىشنىڭ تېخىمۇ توغرا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.


  ۋاڭ خۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئىمتىھاننى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى» نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، «30 غا يول قويماسلىق» ، «سەككىز تۈرلۈك ئاساسىي تەلەپ» قاتارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى يولغا قويدى.


  ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىدىكى «ئوننى ئاشكارىلاش» نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنىستىرلىق، ئۆلكە، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورناتتى. ج خ مىنىستىرلىكى قاتارلىق تارماقلارغا ماسلىشىپ، ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت كەسپى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىلىرىنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ