مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش نامىدا ئوقۇغۇچىلارنى قول كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش مەنئى قىلىنىدۇ

2022.09.16 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 15-چېسلا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە، بىر قىسىم مەكتەپلەر «ئىختىيار قىلىش» نى دەستەك قىلىپ، «ئەقلىي سىنىپ»، «كەلگۈسى سىنىپ» تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرخىل ناملار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن قول كومپيۇتېر ۋە ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان، بەزى مەكتەپلەر ھەتتا ئالاقىدار كارخانىلارغا «سەھنە ھازىرلاپ ئويۇن قويۇش» ئارقىلىق ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي يۈكىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئادىل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار رەقەملەشكەن مائارىپ بايلىقىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئوقۇتۇش ياكى سىنىپلارغا ئايرىپ ئوقۇتۇش نامى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قول كومپيۇتېر ياكى ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن مەجبۇرلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ