مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىدىن داشۆگە كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دىققەت! ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى چۈشىنىۋېلىڭ

2022.08.21 21:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پات ئارىدا كىشىلىك ھاياتىنىڭ يەنە بىر بېكىتىگە قەدەم قويىدىغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.

  ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى كىشلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى.

  تۆۋەندە بۇ سىياسەتلەرنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

  مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى

  سوممىسى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل ھەر يىلى 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  قايتۇرۇش مۇددىتى: ئوقۇش مۇددىتىگە 15 يىل قوشۇلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 22 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  ئۆسۈم نىسبىتى: ئوخشاش مەزگىلدىكى، ئوخشاش دەرىجىدىكى قەرز پۇل بازىرىنىڭ باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتى (LPR) دىن 30 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىلىپ ئىجرا قىلىنىدۇ، مەكتەپتىكى مەزگىلدىكى (كېسەل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆسۈمىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق جايىدىن بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى: نوپۇسى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن مەسلىھەت سوراپ بېجىرسە بولىدۇ.

  مەكتەپتە بېرىلىدىغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ بېجىرسە بولىدۇ.

  (كىچىك ئەسكەرتمە: ئوخشاش بىر ئوقۇش يىلى ئىچىدە، قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلار پەقەت بىر خىل تۈردىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنى تاللىيالايدۇ)

  مەكتەپكە كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرى

  سوممىسى: ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەن، باشقا ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە 1000 يۈەن.

  دائىرىسى: ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يېڭى ئوقۇغۇچىلار.

  مەسلىھەت بېرىش تارمىقى: ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى.

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى: 66097980-010، 66096590-010

  قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، ھەر كۈنى سائەت 8:00دىن 20:00گىچە (شەنبە، يەكشەنبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

  ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ



  «يېشىل يول»

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش «يېشىل يولى» ئاچتى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلىنى تولۇق غەملەپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، «يېشىل يول» ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، قىيىنچىلىقىنى بېكىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.

  مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى

  دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى

  ئومۇمىي سوممىسى: ئوتتۇرىچە ياردەم پۇل ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 3300 يۈەن، كونكرېت ئۆلچەمنى ئالىي مەكتەپلەر ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 2000-4500 يۈەن دائىرىدە ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، 3-2 دەرىجىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

  سالاھىيىتى: ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بولغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس (تەييارلىق سىنىپى، ئالىي كەسپىي مەكتەپ، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم بويىچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ (ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 3300 يۈەن).

  (كىچىك ئەسكەرتمە: مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق سىفەن داشۆلەردىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان، يەنە ئۇلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلمەيدۇ).

  دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

  سوممىسى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 5000 يۈەن

  سالاھىيىتى: ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى بولغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بولغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس (ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار

  دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

  سوممىسى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 8000 يۈەن (ئوخشاش بىر ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ)، ھەر يىلى 60 مىڭ ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ.

  سالاھىيىتى:

  ✔ ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يىللىقلار (ئالاھىدە ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوقۇغۇچىلار شۇ يىلى ئۆتۈلىدىغان دەرس قاتلىمىغا ئاساسەن مۇناسىپ ئوقۇش باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى باھالاپ بېكىتىشكە قاتناشسا بولىدۇ)؛

  ✔ ئۆگىنىش نەتىجىسى رەت تەرتىپى ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش نەتىجىسى رەت تەرتىپى بىردەك ئالدىنقى %10 (%10نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئىچىدە بولۇشى كېرەك؛

  ✔ ئۆگىنىش نەتىجىسى رەت تەرتىپى ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش نەتىجىسى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى %30-%10 (%30نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان بولۇشى كېرەك

  (كىچىك ئەسكەرتمە: دۆلەت بىر تۇتاش بېسىپ تارقاتقان شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىدۇ.)

  تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىش

  ئىش ئورنى: مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتۇش ياردەمچىسى، پەن تەتقىقات ياردەمچىسى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ياردەمچىسى ۋە مەكتەپ ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ.

  ۋاقتى: پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر ھەپتىدە سەككىز سائەتتىن، ھەر ئايدا 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قىشلىق، يازلىق تەتىلدە مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

  مۇقىم ئىش ئورنىدا ئاي بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ: ھەر ئايدىكى 40 سائەتلىك ئىش ۋاقتىغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى ھېسابلاشتا، پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى ياكى ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىق ئاساسىي ئۆلچەم قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق ھالدا يۇقىرى-تۆۋەن تەڭشەشكە بولىدۇ.

  ۋاقىتلىق ئىش ئورنىدا سائەت بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ: سائەتلىك ئىش ھەققىنى مەكتەپ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بېكىتىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن سائىتىگە 12 يۈەن خەلق پۇلىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  مەكتەپ ئىچىدە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش

  مەكتەپ كەسپىي كىرىمىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىئانە ياردەم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، قىيىنچىلىقى بارلار ياردەم پۇلى، تاماق ياردەم تولۇقلىمىسى، مەكتەپ ئىچىدىكى ئۆسۈمسىز قەرز پۇل، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق مەكتەپ ئىچىدە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈرلىرى تەسىس قىلىنىدۇ.

  ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش

  تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق ياشلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇناسىپ ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك. يۇقۇمغا قارىتا، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ۋە ئۆلكىلەر ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەخسۇس تۈر تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش، يوشۇرۇن ھالەتتىكى تاماق ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ماددىي ئەشيالىرى ۋە پىسخىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن

  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار

  بۇ يىل ۋە ئالدىنقى يىللاردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىل قايتۇرۇشقا تېگىشلىك دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۆسۈم مەبلىغىنى دۆلەت مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دىرىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دومىلىما ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ يىل قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىسا، ئىناۋەتكە تەسىر يەتمەيدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 2 مىليارد يۈەن ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش، 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئوقۇش پۈتكۈزگەن 4 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشىدىكەن.

  ھەربىي سەپكە كىرىپ ئەسكەر بولۇش

  چاقىرىق بويىچە قىسىمغا كىرىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، جۈنشى (ئەسلىدىكى شىگۈەن) لىققا قوبۇل قىلىنغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئوقۇشى ئەسلىگە كەلگەن ياكى مەكتەپكە كىرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىش، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە ھەر يىلى بېرىلىدىغان ياردەم سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ

  ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش

  مەركەزگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار، جاپالىق چەت-ياقا رايونلار ۋە كونا سانائەت بازىلىرى، ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، مۇلازىمەت مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان (ئۈچ يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ياكى ئوقۇش پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ھەر يىلى 12 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. جايلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقلاپ تاپشۇرىدىغان قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشتا، جايلار مەركەزنىڭ چىقارغان سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىسا بولىدۇ.

  يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش

  مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتە داشۆدە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى ئىچىدىكى سىفەن كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى تاپشۇرمايدۇ، يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ.

  ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇسى بار، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىفەن كەسپىدە ئوقۇمىغان، ئەمما كەسىپتە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىپ ئىككى يىل ئىچىدە، بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن كەسپىگە يۆتكەلسە بولىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلىنى قايتۇرىدۇ، تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسى بار، شۇنداقلا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىدىكى سىفەن مەكتەپلىرىگە «مۇنەۋۋەر سىفەن پىلانى» بويىچە قوبۇل قىلىنغان سىفەن كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ئالاقىدار مەكتەپلەردىن كونكرېت مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ