مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەن جۇڭگودا 20-قۇرۇلتاينى كۆردۈم / بىرازىلىيەلىك تەتقىقاتچى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىدۇر

2022.10.24 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى 16-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى ھەر قايسى دۆلەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  دۇنياۋىلاشقان ئاقىللار ئامبىرىنىڭ (CCG) بىرازىلىيەدىكى ئالىي تەتقىقاتچىسى، جىندال خەلقئارا

  داشۆسىنىڭ دوتسېنتى خۇا يىچىڭ خەلق تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگونىڭ يېقىنقى ئون يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، شەھەر-يېزا پەرقى زور دەرىجىدە كىچىكلىدى.

  خۇا يىچىڭ شاڭخەيدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى جۇڭگو خەلقى نامايان قىلغان ئىجادكارلىق ۋە جۇڭگو تۈزگەن ئۇلۇغۋار تەرەققىيات لايىھەسى بولدى. «مېنىڭچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ تەرەققىيات لايىھەسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، شۇنداقلا جۇڭگو جەمىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ بۇ لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن».

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.4 تىن % 18كە ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئومۇمىي جەھەتتىن %30 ئەتراپىدا بولدى. خۇا يىچىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپىلەرنى قوشتى. بىرازىلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى بىلەن جۇڭگو تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغان تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى، بولۇپمۇ 2020-يىلى يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان چاغدا، جۇڭگونىڭ ئىمپورتى بىرازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاش سۈرئىتىنى تۆۋەنلەتتى.خۇا يىچىڭنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئورتاقلىشىشقا ئەرزىگۈدەك نۇرغۇن تەرەققىيات تەجرىبىلىرى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى تاماملىدى، ھازىر باشقا نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  ھازىر يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاستا بولماقتا. خۇا يىچىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو تەرەققىيات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ لايىھەنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولماقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر كەمتەر پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ