مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى قانداق تەڭشەلدى؟ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى

2022.08.18 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» چاتما تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ «مەملىكەت مىقياسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى قانداق تەڭشەلدى؟ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى پىكىر يولى نېمە؟» دېگەن سوئاللىرى سورالغاندا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىياسەت، قانۇن-نىزام تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ موۋ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇش ئاساسلىقى مائارىپى نىسبەتەن ئاجىز بولغان رايون ۋە ئاممىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەربىيە ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن. نۆۋەتتە، بۇ سىياسەتنى تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىكى سەۋەبنى ئاساس قىلىدۇ: بىرى، دۆلىتىمىز ئاساسىي مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بەھرىمەن بولىدىغان مائارىپ بايلىقى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتىدۇ؛ يەنە بىرى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايونلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۆلكە ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇمىي غەمخورلۇق نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى ھازىر قارايدىغان بولساق دەل جايىدا بولمىغان. شۇڭا، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا نومۇر قوشۇپ بېرىدىغان رايون، توپ، شەرتلەرنى تېخىمۇ توغرا بېكىتىش، يەنى سىياسەت ئارقىلىق ياردەمگە مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك .

  جاڭ موۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، ئاساسلىقى مۇنداق بىر نەچچە خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالدى: بىرىنچى خىل ئەھۋال، بەزى مائارىپ بايلىقى نىسبەتەن تەڭپۇڭ بولغان ئۆلكىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ ئىككىنچى خىل ئەھۋال، بەزى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار نومۇر قوشۇش دائىرىسىنى چېگرا رايون، تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىدا شۇ جايغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تەڭشىدى؛ ئۈچىنچى خىل ئەھۋال، بەزى ئۆلكىلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقانئاز سانلىق مىللەت

  رايونلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، نومۇر قوشۇش دائىرىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلدى؛ تۆتىنچى خىل ئەھۋال، بەزى ئۆلكىلەرگە رايون بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، رايون ئىچىدە مۇئەييەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى مەيلى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ھەممىسىگە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ساقلاپ قېلىنغان رايونلاردىمۇ نومۇر قوشۇپ بېرىش قىممىتى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى.

  جاڭ موۋ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئورتاق يۆنىلىشنى تۈپتىن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ئورتاقلىق بىلەن پەرقنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مىللەتلەر سىياسىتىنى پۇختا، ئېھتىيات بىلەن تەڭشەيدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ