يولداش ما شىڭرۇينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ما شىڭرۇي، ئەر، خەنزۇ، 1959 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ يۈنچېڭدىن، 1988 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ ئۇچۇش دىنامىكىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئومۇمىي مېخانىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور.
ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 - جېڭۋېيسى.