مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 18 مىليون 444 مىڭغا يەتتى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نەزەر)

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولۇندى

2022.09.08 22:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2012-يىلىدىكى 14 مىليون 629 مىڭدىن 2021-يىلى 18 مىليون 444 مىڭغا كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %26 كە يەتكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كۆلىمى زور، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جايلار، تارماقلار يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تالىشىپ شۇغۇللىنىدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سۈپەت ۋە مىقدارىدا تەڭ ئىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 10 يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بارلار 2012-يىلىدىكى %32.6تىن 2021-يىلىدىكى %70.3 كە يەتتى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى 229 مىڭدىن 424 مىڭغا كۆپەيدى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى 69 مىڭدىن 132 مىڭغا يەتتى.

  جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. ئېلىمىزدە 215 پېداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، 510 غەيرىي پېداگوگىكا مەكتىپى ئورتاق قاتناشقان جۇڭگوچە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەش بويىچە 10 يىلدا 85 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن %90 ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» داۋاملىق يولغا قويۇلدى، ھازىرغا قەدەر، مەركەز مالىيەسى جەمئىي 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىدىن 18 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي مائارىپتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويدى.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەمچىل بولۇشى تېز سۈرئەتتە تولۇقلاندى. يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى ئۆگىتەلەيدىغان» ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، 2021-يىلىغىچە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە 1 مىليون 30 مىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاپ بېرىلدى.

  «ئون يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ كۆلىمىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن مىقدار ۋە سۈپەت تەڭ ئۆرلەش باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار كۆتۈرەڭگۈ روھ، كەسپىي خىزمەت، خالىس تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق مائارىپ ئېتىزىنى سۇغىرىپ، مىليونلىغان ئوقۇغۇچىغا گۈزەل ئۈمىد ئېلىپ كېلىپ، بىر كۆك ئاسمانغا تىرەك بولدى.» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا «پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، يىلتىزنى تەربىيەلەپ، روھنى تاۋلاپ، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش»نى چۆرىدەپ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ