مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى تارماق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش دائىرىسىنى ئۆز مەيلىچە كېڭەيتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2022.08.15 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مالىيە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مالىيە تۈزۈمى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تۈزۈم» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى.

  ئەسلىدىكى «تۈزۈم» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى «تۈزۈم» جايلارنىڭ «ئىككىنى ئازايتىش»، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مائارىپى بايلىقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مۇھىم سىياسەتلەردە دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى تەلەپلەرگە قارىتا، مەكتەپلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇشتىكى ئاجىز ھالقىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئالتە جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزدى:

  بىرىنچى، «تۈزۈم»نىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى تەڭشەلدى. دۆلەتنىڭ دائىملىق ئىقتىسادىي ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن بۇ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

  ئىككىنچى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۈچىنچى، مەكتەپ مالىيە ئەترىتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەكتەپنىڭ مالىيە مەسئۇل خادىملىرى ۋە مالىيە، بوغالتىرلارنىڭ ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش شەرتى قاتارلىق بەلگىلىمىلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  تۆتىنچى، مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاشخانا باشقۇرۇش، ھاۋالە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئاشخانا باشقۇرۇش، تاماق تەييارلاش ياكى تاماق بىلەن تەمىنلەشكە ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تاماق بىلەن تەمىنلەشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، مالىيە باشقۇرۇش تەلىپى تۈرگە ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بەشىنچى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش دائىرىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېڭەيتىشىگە، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى كۆپەيتىشىگە، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلىپ، يەرلىكنىڭ «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىدىكى مالىيە ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان يېتەكچىلىك كۈچەيتىلدى.

  ئالتىنچى، يېڭى «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مالىيە قائىدىسى»گە ئاساسەن خامچوت باشقۇرۇش، مۈلۈك باشقۇرۇش، مالىيە دوكلاتى تۈزۈمى قاتارلىق مەزمۇنلار مۇناسىپ تەڭشەلدى ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى.

  «تۈزۈم» 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. جايلار، مەكتەپلەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ خادىملارنى تەربىيەلەش، يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈش، يانداش تۈزۈملەرنى تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «تۈزۈم»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۈنۈمنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «تۈزۈم»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ