مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى
2022.08.31 14:10 مەنبە: خەلق تورى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ