مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2023-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى!

2022.09.07 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2023-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى رەسىم تاختىسى ئىشلىتىش قاتارلىق ئالاھىدە تەلىپى بولغان ئاز ساندىكى ئىمتىھان تۈرلىرى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «2023-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ۋە توردا جەزملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توردا تىزىملىتىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالدىن تىزىملىتىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە توردا جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

  كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «جۇڭگو ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى» 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە «2023-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى توردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ. مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، مېيىپلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىشىنى زۆرۈر شارائىت ۋە مۇۋاپىق قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ