يولداش سەي چىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
سەي چى، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن يوۋشىدىن، 1973 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇجيەن سىفەن داشۆسى ئىقتىساد - قانۇن شۆيۈەنىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.
ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.