مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ چىشەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2022.10.14 22:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ ئاستانىدا جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ توقايېۋغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئالدىنقى ئايدا قازاقىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان جۇڭگو-قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ۋە يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ توقايېۋنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-قازاقىستان دوستلۇقى باشتىن-ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشتى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. بۇ قېتىمقى يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. جۇڭگودىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، ئۆتكەن ئون يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ نېگىزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى بېكىتىلگەنلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنى تۇرغۇزۇلغانلىقىدا. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچ، ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا پىلانلانغان ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

  توقايېۋ ۋاڭ چىشەندىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم رولىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا يىغىن بولۇپ، جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچىدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش قازاقىستاننىڭ مۇھىم دىپلوماتىيە ئالدىنقى يۆنىلىشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالدى. قازاقىستان تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان-جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

  10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ۋاڭ چىشەن ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك؛ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم پەرقىدىن ھالقىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك؛ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ماس دۆلەتلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل تەرەققىيات، پۇل مۇئامىلە، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ