خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ قار پايتەختى دەپ ئاتالغان ئالتاي شەھىرىدە، دۇنيا بويىچە شەھەرگە ئەڭ يېقىن قار تېيىلىش مەيدانى گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت ۋە ياخشى بولغان قار تېيىلىش تەسىراتى بۇ يەرگە ئالتاي شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنى جەلب قىلىپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىمۇ جەلپ قىلدى.
گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ئېلىمىز بويىچە بىردىنبىر شەھەر بىلەن تۇتاشقان ئېگىز تاغلىق قار تېيىلىش مەيدانى، مەملىكىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئېگىز تاغدىكى قار تېيىلىش بازىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئىككى قار تېيىلىش يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن قار تېيىلىش مەيدانى. قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۈنۈملۈك قار تېيىلىش ۋاقتى 150 كۈن، ئېگىزلىك پەرقى 405 مېتىر، نۆۋەتتە سېلىنىپ بولغان قار تېيىلىش يولى 27 گە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىرغا، قار تېيىلىش يولىنىڭ كۆلىمى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، تۆت يول ئاسما ۋاگونى بار، كۈندىلىك مېھمان كۈتۈۋېلىش مىقدارى 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.
2017- 2018- قىش پەسىلىدە، گېنېرال تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭغا تېيىلىغۇچىلار 50 مىڭ ئادەم قېتىمغا، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىغۇچىلار 12 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى