ئاۋۇت بارات جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مىللىي ئۆرپ-ئادەت فوتوگرافلىرى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 1978-يىلدىن باشلاپ فوتو سۈرەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان. 30نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ بەزىدە شەھەر ئايلىنىپ، بەزىدە يېزا ئارىلاپ، بەزىدە تاغ-داۋان ئېشىپ، بەزىدە سۇ، لاي-لاتقا كېچىپ يۈرۈپ، 6000 پارچىغا يېقىن تېمىسى يېڭى، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى، ھەقىقى چىن ئاخبارات سۈرەتلىرىنى، تارىخقا شاھىد بولالايدىغان سۈرەتلەرنى تارتتى ۋە كۆپ قىسىمىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېزىت-ژۇرنال، توپلام قامۇسلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن كۆپرەكى «جۇڭگو مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى»، «تەيۋەن تارىخى ئەسەرلەر» ژۇرنىلى، «تەيۋەن ئۆسمۈرلەر گېزىتى»، «شىنجاڭ سۈرەتلىك ژۇرنىلى»، جۇڭگو نۇر گېزىتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا گېزىتى، «يىرىم ئايلىق سۆھبەت»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.