خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت كەچتە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا چېمپىيونلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ H گۇرۇپپىدىكى كۈچ سىنىشىشتا، ئىلگىرىكى چېمپىيون گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 0 : 1 نەتىجە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۇراۋا قىزىل ئالماس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، گۇرۇپپىدىدىن شاللىنىپ كېتىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خېڭدا ئۈچ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئاران ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، گۇرۇپپىدا ئارقىدىن بىرىنچى ئورۇندا ئىدى. لېكىن بۇ مەيدان ھايات-ماماتلىق مۇسابىقىدە خېڭداچىمپيۇنلۇق سالاپىتىنى نامايان قىلالمىدى، مۇسابىقە جەريانى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى