4-ئاينىڭ 5-كۈنى، گرېتسىيەدىكى لايسىۋوس ئارىلىدا، مۇساپىرلار نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە مۇساپىرلار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار يۈكسەك ھۇشيارلىق ۋە نارازىلىق سادالىرى ئىچىدە گرېتسىيەدىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە ئېلىپ بېرىلدى. كۆپ تالاشتا قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى- تۈركىيە كېلىشىمى بۇنىڭ بىلەن رەسمىي ئەمەلىي مەشغۇلات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئېتىبارەن، تۈركىيەدىن گرېتسىيە چېگراسىغا كىرىپ پاناھلانغۇچىلار چوقۇم گرېتسىيەدە تىزىملىتىپ، پاناھلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇشى شەرت، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەدبىرلەرنى ئادا قىلمىغانلار ياكى پاناھلىنىش شەرتكە چۈشمەيدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، دېيىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى