خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-مارت، يېڭى زىللاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋايكاتو رايونىنىڭ خامىلتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋايكاتو خەلقئارا ئىسسىق گاز شارى بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا كىشىلەر «دېنوزاۋر بالىسى» ناملىق ئىسسىق گاز شارىغا يەل بەرمەكتە. شۇ كۈنى يىلدا بىر كېلىدىغان ۋايكاتو خەلقئارا ئىسسىق گاز شارى بايرىمى خامىلتون شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.
بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتتە «مۇسابىقە ماشىنىسى»، «كاۋا ھارۋىسى»، «دېنوزاۋر بالىسى» ۋە 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر چوڭ «پىل» قاتارلىقلار ئالقىشقا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى