باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پايتەختتە نورۇز بەزمىسى

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى

2016.03.21 16:21   مەنبە: خەلق تورى

پايتەختتە نورۇز بەزمىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئۆز مۇخبىرىمىز مەرھابا خەۋىرى) نورۇز _ تۈركىي-پارىس مىللەتلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ چوڭ بايرىمى بولۇپ، خەلقىمىز ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا ئۈزۈلدۈرمەي ئەزىزلەپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان خاسىيەتلىك بايراملارنىڭ بىرى. جۈملىدىن پايتەختىمىز بېيجىڭدىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

  2016-يىلى 20-مارت يەكشەنبە، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىمىز نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  پائالىيەتكە بېيجىڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ھەر قايسى ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سودىگەرلەر، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا دوستلار ئىشتىراك قىلدى.

  پائالىيەت 15-مارت بىيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇراسىم زالى ئالدىدىكى مەيداندا باشلاندى. بۇ پائالىيەتكە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى داۋبو، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زەپەر ئابلىز، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى تەۋەككۈل تىلىۋالدى، جوڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى تۇرۇپ بارات، سابىق مەكتەپ مۇدىرى ھەبىبۇللا، مۇدىر ياردەمچىسى ۋىدات مىجىت، جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېشىت ياقۇپ ئەپەندى ۋە بۇ پائالىيەتنى قوللاپ ياردەم بەرگەن كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتناشتى. پائالىيەتتە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى زەپەر ئابلىز پائالىيەت توغرىسىدا سۆز قىلدى، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا «ئابدۇرېشىت ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىلدى. ئارقىدىن ساما باشلىنىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەشرەپكە چۈشۈپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋجگە كۆتۈردى.

  سىرتتىكى پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كىيىن، مۇراسىم زالى ئىچىدە سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، پائالىيەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، پائالىيەت «نورۇز ساداسى»ناملىق كوللىكتىپ ئۇسۇل بىلەن باشلىنىپ، لەپەر، خەلق ناخشىلىرى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، مۇزىكا، ئىتوت، كوچا ئۇسۇلى، سېرىك، مودا كىيىم كۆرگەزمىسى، دوپپا ئۇسۇلى قاتارلىق نومۇرلار ئورۇندالدى. مۇڭغۇل، قازاق، تاجىك، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ نورۇز بايرىمىغا بولغان سوۋغىسىنى ئېلىپ كىلىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئاخىرىدا پائالىيەت كوللىكتىپ ئۇسۇل«دولان مۇقامى»بىلەن ئاخىرلاشتى. پائالىيەت جەريانىدا كەيپىيات تولىمۇ قىزغىن بولدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…