خەلق تورى خەۋىرى: 19-مارت، بېيجىڭدىكى جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسى ئەتلەس كۆينەك، بادام دوپپىلارنى كىيگەن ئۇيغۇر قىز-يېگىتلىرىنىڭ شاد-خۇراملىق سادالىرى بىلەن باشقىچە جانلىنىپ كەتكەنىدى. بېيجىڭدا ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، يىلدا بىر كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام ــــ نورۇزنى تەبرىكلىدى.
نورۇز ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان «باھار بايرىمى» بولۇپ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى كۈن-تۈن تەڭلەشكەن، باش باھارنىڭ خاسىيەتلىك كۈنىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كۈن يېڭى بىر يىلنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەممە بىرلىكتە نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكەچ، مەشرەپ ۋە تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئەزىمەتلەر ھەرخىل تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىشىپ، گۈزەل تىلەكلەر بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيتى «مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ۋارسلىق قىلىپ، گۈزەل ۋەتىنىمىز بىلەن قەلبداش بولايلى» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق دېكتورى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى. بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋلى خانىم، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل باشلىقى، باش كاتىپ تۇرۇپ بارات ئەپەندىملەر تەبرىك سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مىللەت، دىن ئىشلىرى كومتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلسۆيەر بۇرھان شەھىدى، مەركىزىي بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فىڭخۇي، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ شۆبىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ھەبىبۇللا غوجا، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى ياردەمچىسى ۋېدات مىجىت، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ پەخرىي باشلىقى تەۋەككۈل، مۇئاۋېن باش كاتىپى ھېيت مۇھەممەت، كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشىرىياتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى دولقۇن قادىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئارىز، جۇڭخۇا مىللەتلەر باغچىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى جۇ ليەنگېن قاتارلىقلارمۇ تەكلىپكە بىنائەن پائالىيەتكە قاتناشتى.
پائالىيەت «ئىلىم كۆزنىكى»، «مەشرەپ ساداسى»، «تەنتەربىيە سەيناسى» دىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي مەزمۇننى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى