خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن 2- تۈركۈمدە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغۇ بازىرى يېڭىسار 3- كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، مەھەللە كومىتېتى بىرلىكتە 11- يانۋار كەنت پائالىيەت مەركىزىدە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ «ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، « ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىپ، بەختىيار تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى .
سۈرەتتە : 11- يانۋار يېڭىسار 3-كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى