خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن مۇساجان تۇردى خەۋىرى) كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى 13- يانۋار ياقا بازىرىدىكى 200 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىغا 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدە قىشلىق كىيىم تارقىتىپ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ھۆكۈمەتنىڭ زىمىستاندىكى بۇ ياردىمىدىن ئىلھام ئېلىپ تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى پارتىيەنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئاتا-ئانا ئورنىدا غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن چەكسىز مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى