خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (پوسكام ناھىيە كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەتتە ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى، پەن-تېخنىكا كېڭەيتىش پونكىتى. ئورمانچىلىق ئىدارىسى، يېزائىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى يېزا، بازارلار تۈركۈم-باسقۇچقا بولۇپ، ئاممىنى قىشلىق پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا تەشكىللىگەندىن باشقا ھەر مىللەت ئاممىسىغا پەن-تېخنىكىغا ئائىت ھەقسىز كىتاب تەقدىم قىلىش، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 12-يانۋارغىچە قەدەر ئاممىغا 40 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك پەن-تېخنىكا ئۆگىنىش قوللانمىسى ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە 12-كۈيباغ يېزىسىدىكى ئالاقىدار كىشىلەر ئاممىغا پەن-تېخنىكىغا ئائىت كىتاب ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتماقتا.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى