باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى(1)

2016.01.14 16:51   مەنبە: خەلق تورى

«ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەسىدىن مەتساۋۇر مەمەتئابدۇللا، غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن) قاراقاش ناھىيەلىك تاشيول تىرانسپورت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، كاۋاك يېزا بوستان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل مۇھەممەد 1-ئاينىڭ 12-كۈنى توخۇلا يېزىسىنىڭ بورىچى كەنت كومىتېتىدا قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئادىل مۇھەممەد ئۆزى بۇرۇن ھەم ھازىر تۇرۇۋاتقان كەنتىدىكى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن دېھقانلارنىڭ يېڭى ئۆيىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئانا يۇرتى-بورىچى كەنتىدىكى1-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە تۇرغان ئورنى-قاراساي بازىرىنىڭ ھۆپئېغىل، بۇرۇن يېزا خىزمىتىدە تۇرغان ئورنى-قاراساي بازىرىنىڭ قوشتېرەك كەنتى ھەم 2-تۈركۈمدە خىزمەت قىلىۋاتقان كاۋاك يېزىسىنىڭ بوستان كەنتىدىكى 75 ئائىلە ۋەكىللىرىنى پائالىيەتكە جەم قىلىپ، ئۆز يېنىدىن 38 مىڭ يۈەن چىقىرىپ سېتىۋالغان 500 كىۋادرات مېتىر گىلەمنى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆلچەپ تەييارلانغان ئۆي كۆلىمىگە ئاساسەن تەقسىملەپ بەردى. ياردەمگە ئېرىشكەن دېھقانلار ئادىل مۇھەممەدنىڭ شەپقىتىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى.

  سۈرەتتە: قاراقاش ناھىيە توخۇلا يېزىسىنىڭ بورىچى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىلەم تارقىتىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى