خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 10-دېكابىر ئۆز مەيدانىدا ئالدىنقى مۇسابىقە مەزگىلىدە چېمپىيۇن بولغان سەنشى كوماندىسىنى يېڭىپ، 78گە قارشى 86نومۇر بىلەن غەلبە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇپ، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئادەتتىكى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى تۆتنىڭ قاتارىغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 12-دېكابىر شاڭخەي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى