باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە ھەربىي پاراخوتى ئېگىي دېڭىزىدا ئوت ئېچىپ تۈركىيە بېلىقچىلىق كېمىسىنى ئاگاھلاندۇردى

2015.12.14 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 13-دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى كېمىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، روسىيەنىڭ بىر قوغدىغۇچى كېمىسىنىڭ شۇ كۈنى ئىگىي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز رايونىدا بىر تۈركىيە بېلىقچى كېمىسىغا ئوت ئېچىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئاخباراتتا، بېلىقچى كېمىسىنىڭ قوغدىغۇچى كېمىگە تەخمىنەن 600مېتىر كېلىدىغان جايغا كەلگەندە، ئىككى كېمىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، روسىيە قوغدىغۇچى كېمىسىنىڭ بېلىقچى كېمىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، بېلىقچى كېمىسىنىڭ ئىلگىرلەش يۆلىنىشىگە ئوت ئاچقانلىقىنى، ئارقىدىن تۈركىيە بېلىقچى كېمىسىنىڭ دەرھال يۆنىلىشنى تەڭشەپ، روسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىغا 540مېتىر كېلىدىغان جايغا ھەيدەپ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيە بېلىقچى كېمىسىنىڭ باشتىن ئاخىر روسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتى بىلەن ئالاقە ئورناتمىغانلىقى ئېيتىلدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر