باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پايتەختتە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىلمىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.14 16:55   مەنبە: خەلق تورى

پايتەختتە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىلمىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىتاب ئوقۇش يىلىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 19دا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋىنخۇا بىناسى 1446- يېغىن زالىدا، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىلمىي ئىجادىيەت مۇھاكىمىسى» ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز، ئاتاقلىق تىلشۇناس، تۆھپىكار مائارىپچى،چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتچىسى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، ئاسپىرانت يېتەكچىسى ئابلىكىم مۇئەللىم، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچى ئەكبەر قادىر مۇئەللىم ۋە پايتەختتىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. پائالىيەت كەيپىياتى ئىنتايىن يوقۇرى بولۇپ، مەزمۇنى چوڭقۇر، سەۋىيەسى يۇقىرى ماقالىلەر ئوقۇلدى.

  يىغىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز، ئاتاقلىق تىلشۇناس، تۆھپىكار مائارىپچى،چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتچىسى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ سۆز قىلىشى بىلەن باشلىنىپ جەمئىي يەتتە پارچە ئىلمىي ماقالە، ئۈچ پارچە شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىندى. ماقالىلەر ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن،بىر سائەت ئەتراپىدا ئەركىن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلدى. ئاخىرىدا ئەكبەر قادىر مۇئەللىمنىڭ خۇلاسىسى بىلەن پائالىيەت غەلبىلىك ئاخىرلىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تېمىسى«مۇھەممەتجان راشىدىن ۋە ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە » دەپ بېكىتىلدى.

  ئوقۇلغان ماقالىلەر

  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ۋە بىر قىسىم ئىجادىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رومان ئىجادىيىتى توغرىسىدا
  دېكلىماتسىيەدە: «ئىز»، «ئىچەي قەشقەر شارابىدىن»
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى توغرىسىدا
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى داستانى» ھەققىدىكى قاراشلىرىم
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نەسىر ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نەسىرلىرىنىڭ بەدئىي ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا
  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەپ


  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى